فىلىپپىن يېقىندىن بېرى خىتايغا قارشى ياپونىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ قېتىم فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسى ئىككى دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ئىجازەت كېلىشىمىنى تەستىقلىغان.
نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 16-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسى ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان ئۆزئارا ئىجازەت كېلىشىمىنى تەستىقلاپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بىر-بىرىنىڭ زېمىنىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول ئاچقان. بۇ كېلىشىم ياپونىيەنىڭ ئاسىيادا ئىمزالىغان تۇنجى كېلىشىمى بولۇپ، مانىلا بىلەن توكيو ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىكەن. بۇ كېلىشىم يەنە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى زومىگەرلىكى ھەرىكەتلىرى پەيدا قىلغان ئەندىشىگە قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىر ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بۇ كېلىشىمنى بىردەك قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. گەرچە بۇ كېلىشىمنى 7-ئايدا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئەمما رەسمىي ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا بۇ كېلىشىم ھازىرغىچە پارلامېنتنىڭ تەستىقىنى ساقلىغان.
مەزكۇر كېلىشىم مەشىق ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي قىسىمنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىغا ۋە قورال-ياراغلارنى توشۇش سىستېمىسىغا قولايلىق يارىتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن دەۋاسى ۋە بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان شەرقىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن.
ياپونىيە ھازىرغا قەدەر ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولۇپ، نۆۋەتتە فىرانسىيە بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ