22-دېكابىر ئىستانبۇلدا مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇمھاجىم ۋاپاتىنىڭ سەككىز يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىلىشنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن،شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ مۆيدىنئوغلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتى، پىكىر-چۈشەنچىلىرى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى تەۋرەنمەس مەيدانى، ھەرىكەتچانلىق ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى.
شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى، مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئۈلگىلىك ئىش ئىزلىرى، سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە ئېسىل ئەخلاقىنى تونۇشتۇردى.
مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇمھاجىم 2016-يىلى 22-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانىدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئىسلامىي قىممەت قاراشلار بىلەن بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەر ساھەدە بىرلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ماڭغان، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. مەرھۇم ئابدۇلھېكىم مەخسۇمھاجىم يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ