فىلىپپىن خىتايغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى

فىلىپپىن ئامېرىكىنىڭ «تايفون» قۇرۇقلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن 23-دېكابىر فىلىپپىننىڭ دېڭىز-ئوكيان مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، ئامېرىكىنىڭ «تايفون» ناملىق قۇرۇقلۇقتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكا فىلىپپىننىڭ لۇزون ئارىلىنىڭ شىمالىدا ئوتتۇرا مۇساپىلىك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە «تايفون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىتتىپاقدىشى فىلىپپىن بىلەن يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى فىلىپپىندا قالدۇرۇپ قويۇشنى قارار قىلغان. نۆۋەتتە خىتاي بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئاسىيادا مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەربىي ئۈستۈنلۈك ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىشىكى ئالدىدا يېڭى قورال ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، لوكھىد مارتىن شىركىتى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «تايفون» قۇرۇقلۇقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ھەر خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى، جۈملىدىن مۇساپىسى تەخمىنەن 450 كىلومېتىرلىق (SM-6) تىپلىق ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مۇساپىسى 2500 كىلومېتىرغا يېتىدىغان «جەڭ پالتىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن. بۇ سىستېما بىرىنچى ئارال زەنجىرىدىكى لۇزون ئارىلىنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پۈتكۈل تەيۋەن بوغۇزى ۋە لۇزون بوغۇزىنى قاپلاپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئەڭ مۇھىم شەھەرلەرنى ۋە جەنۇبىي دېڭىز ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خىتاي ھەربىي بازىلىرىنى قاپلايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2478 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2024 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق