خىتاي بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا 47 يېڭى كان ئاچقان

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، 2024-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا يېڭىدىن 47 ئاتالمىش «يېشىل كان»نى كۆپەيتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2024-يىلى پۈتۈن بىر يىل ئىچىدە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دەرىجىلىك يېشىل كاندىن 47 سى يېڭىدىن كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت-تەبىئىي گازلىقتىن 25 ى، كۆمۈر كانىدىن 12 سى، تۆمۈر كانىدىن تۆتى، مىس-نىكېل كانىدىن تۆتى، مايلىق قۇم كانى ۋە مىس كانىنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىرى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئاچقان ئاتالمىش «يېشىل كان»نىڭ ئومۇمىي سانى 158 گە يەتكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2024-يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دەرىجىلىك يېشىل كانلار، نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرى جۇڭغار ئويمانلىقى، تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن، كۆمۈر كانلار بولسا قومۇل، سانجى، تارباغاتاي، ئاقسۇ ۋە كورلىغا تارقالغان.

خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، 2022-يىلى ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، تارىم نېفىتلىكى بوز−دابېي تەبىئىي گاز رايونىدا 60 نەچچە يېڭى قۇدۇقنى بۇرغىلاشنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ گازلىقتا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىليون توننىلىق ئېشىش سۈرئىتى بويىچە تېز سۈرئەتتە بۇرغىلاش پىلانلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي گاز رايونىدا ئېچىلغان قېتىشما نېفىت-تەبىئىي گاز تەركىبىدە ئاروماتىك ھىدروكاربون، يېنىك ھىدروكاربون قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان ھىدروكاربون تەركىبى بار بولۇپ، خىتاي جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك نېفىت خىمىيە سانائىتى خام ماتېرىيالى ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان تەبىئىي بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ بولسا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بايلىقنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامراتلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 621 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2025 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق