ئامېرىكا دانىيە شىركىتىدىن خىتايغا سىيرەك توپا ساتماسلىقىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا گىرېنلاند ئارىلىدىكى سىيرەك توپا ئاچقۇچى شىركەتنى خىتاي بىلەن ئالاقىسى بار شىركەتلەرگە سىيرەك توپا ساتماسلىققا تەۋسىيە قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە دانىيە ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن يىلى گىرېنلاند ئارىلىدىكى سىيرەك توپا كانى ئاچقۇچى شىركەت تانبرىزدىن خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەتكە سىيرەك توپا ساتماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گرېگ بارنېس مۇخبىرنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ: «تانبرېز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن قەرەللىك سۆھبەتلىشىپ، ئارالنىڭ مۇھىم مىنېرال ماددىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى تاللاش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇردى» دېگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇلتۇر ئىككى قېتىم شىركەتنىڭ جەنۇبىدىكى گىرېنلاند تۈرىنى زىيارەت قىلىپ، شىركەتنىڭ مەبلىغى يېتىشمەيۋاتقان پەيتلەردە كۆپ قېتىم ئۇچۇر ئەۋەتكەن. ئۇچۇردا كۆپ مىقداردىكى مىنېرال زاپىسىنى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار سېتىۋالغۇچىلارغا ساتماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دانىيە زېمىنىغا بولغان ئۇزۇندىن بۇيانقى ئىقتىسادىي قىزىقىشىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بولۇپ، يېقىندا پىرېزدېنتلىققا سايلانغان دونالد تىرامپ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان بۇ ئارالنى سېتىۋېلىش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاقساراي بۇ مەسىلىگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

سىيرەك توپا توكلۇق ئاپتوموبىلدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغىچە بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، خىتاينىڭ سىيرەك توپا قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشى سەۋەبلىك، خىتاي بىلەن غەربنىڭ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كۈچەيگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 526 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2025 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق