خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ 6-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى يىل ۋە خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا «قىشلىق ئوپېراتسىيە» نامىدا ئىككى تۈرلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى تەشۋىقاتى» ، يەنە بىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» 10-يانۋاردىن باشلاپ ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى» ناملىق «ئانار سەھىپىسى» نى تەسىس قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ سەھىپىنى تەسسس قىلىشىتىكى مەقسىتى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاتالمىش دۆلەت بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، پۇقرالارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشتىراكچانلىقىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي تەسس قىلغان ئاتالمىش «ئانار سەھىپىسى» تەشۋىقاتلىرىنى ئىچكى ۋە سىرتقى تاراتقۇلار، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانىلار ۋە تەشكىلاتلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تارقتىدىكەن.
بۇ يېڭى تەشۋىقات ھەرىكىتى «قىشلىق ئوپېراتسىيە» بىلەن بىر ۋاقىتتا يولغا قويۇلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلغان. خۇسۇسەن، خىتاينىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «بىخەتەرلىكى مۇرەككەپ ساھەلەر» گە قارىتىلغان نىشانلىق تازىلاش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكىتى تاشقى دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ