كونگو ئۈچ خىتاينى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

كونگودا قانۇنسىز كان قېزىش قىلمىشىغا چېتىشلىق ئۈچ خىتاي قولغا ئېلىنىپ، يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كونگودا قانۇنسىز كان قېزىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان ئۈچ خىتاي پۇقراسى يەتتە يىل قاماق جازاسى ۋە 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ كونگو ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز كان قازغانلىقى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم جازاغا تارتىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر ئۈچ خىتاي ئالدامچىلىق، پۇل يۇيۇش ۋە بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى ھۆكۈمنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەرز قىلماقچى بولغان ئەمما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتى بۇ ھۆكۈمنى قانۇنسىز كان قېزىشقا قارشى بىر ئاگاھلاندۇرۇش دەپ قاراپ ئالقىشلىغان. بۇ ئىش كونگودا قانۇنسىز كانچىلىق سودىسىغا قارشى تىرىشچانلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ دۆلەتتە نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇخسەتسىز كان قېزىش، بايلىق مەنبەلىرى ئۈچۈن كەسكىن رىقابەتلىشىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن. بۇ تەدبىر ئارقىلىق كونگو ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن تۈزگەن كانچىلىق كېلىشىملىرىدىن تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە تىرىشماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 948 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2025 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق