ئامېرىكا 37 خىتاي شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە قوشقان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك، دەپ ئەيىبلەنگەن.
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا 15-يانۋار مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلىنغان 37 خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ چەكلىمە كانچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى يەنە 37 شىركەتنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى قانۇنى تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 150 گە يېقىنلاشقان. بۇ شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ياكى ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.
دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئالىھاندرو مايوركاس بۇ ھەقتە: «بۇ قېتىم بېسىلغان قەدەم مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ رەھىمسىز قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش بولۇپ، تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئەركىن، ئادىل، رىقابەتلىك بازارنى قوغداش يولىدىكى تىرىشچانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېگەن. دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى تىزىملىككە قوشۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق جازالاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا مۇھىم مېتال كانلىرىنى قېزىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ھەر ساھەگە كېڭەيتكەندىن باشقا، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرىغا قامىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەھشىي قىلمىشىنى رەت قىلماقتا.
بۇ قېتىمقى تىزىملىككە يەنە شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى تېرىيدىغان ۋە دۇنياغا پاختا توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ماتېرىياللىرىنى، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر زىجىن كان-رۇدا گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق شىركىتى، خۇافۇ مودا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ 25 تارماق شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ