پاكىستان بىلەن بەلۇجىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ توقۇنۇشى كۆپەيمەكتە

پاكىستان ئارمىيەسى بىلەن بەلۇجىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى تونۇش بارغانسېرى زورايغان بولۇپ، پاكىستان ئارمىيەسى كاچى رايونىدا 27 قوراللىقنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى كۈنى بەلۇجىستاننىڭ كاچى رايونىدا قوراللىقلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 27 قوراللىقنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا كۆپ مىقداردا قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بەلۇجىستان ئازادلىق تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ رايوندىكى تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئىشچىلىرى ۋە ئىنژېنېرلىرىنى ئۆلتۈرگەنىدى.

بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى تەبىئىي بايلىققا باي بولغان بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى بارلىق قوراللىق تەشكىلاتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ كۈچكە ئىگە تەشكىلات بولۇپ، بەلۇجىستان پاكىستاننىڭ ئىران ۋە ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا يەرلىك رايوندا خىتايغا قارشى يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى مەسئۇل بولۇپ، يۈزلىگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن ياكى يارىلاندۇرغان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ خادىملىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 965 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2025 18:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق