ياپونىيە: جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكتىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئىۋايا تاكېشى جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكتىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىپلومات تورىنىڭ 16-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئىۋايا تاكېشى فىلىپپىننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جىددىيچىلىككە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىۋايا ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشكە قارشى مەيدانىنى تەكرارلىغان ۋە فىلىپپىننىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە فىلىپپىننى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇ يەنە ئاسىياسىدىكى ئالاقىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەسىلىلەرنى يېقىندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، ئۆزئارا زىيارەت كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1006 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2025 10:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق