ھىندىستان خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ھەرىكەت باشلىدى

ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندى ئوكياندا سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ھەربىي كېمىلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى يېقىندا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر كېمە ياساش زاۋۇتىدا بىر سۇ ئاستى كېمىسى، بىر قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە ئارقا سەپ قوغدىغۇچى پاراخوتنى سۇغا چۈشۈرگەن. ھىندىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە باشلانغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ھىندى ئوكيان رايونىنىڭ سودىسى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن.

ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگ دۇنيا كۈچلىرىنىڭ ھىندى ئوكيانغا يۆتكىلىش يۈزلىنىشىنى تەكىتلىگەن. باش مىنىستىر نارېندرا مودى ھىندىستان مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قەيت قىلىنىشىچە، يېڭىدىن سۇغا چۈشۈرۈلگەن INS Vagsheer سۇ ئاستى پاراخوتى ھىندىستاننىڭ سۇ ئاستى دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ 16 سۇ ئاستى پاراخوتى بار بولۇپ، مودىنىڭ فىرانسىيەگە قىلىدىغان يېقىنقى زىيارىتى جەريانىدا يەنە ئۈچ Scorpene سۇ ئاستى كېمىسىنى سېتىۋېلىش توختامىنى پۈتكۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان 2022-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆزى ياسىغان INS Vikrant ئاۋىياماتكىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، رايوندىكى رەقىبلىرىگە قارشى دېڭىزدىكى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1084 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2025 11:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق