ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ماركو رۇبىيو تىرامپنىڭ پاناما قانىلىدىكى خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ 16-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ پاناما قانىلىغا بولغان تەسىرى قاتارلىق دۇنياۋى نىشانلىرىنى تەنقىد قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇبىيو دۇنياۋى سودا ۋە ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم دېڭىز يولى بولغان قانالنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ پورت باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ قانال قاتنىشىغا ئارىلىشىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇبىيونىڭ بايانلىرى پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد تىرامپنىڭ قانالنى پاناماغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرى بىلەن ماس قەدەمدە بولغان. رۇبىيو پاناما مەسىلىسىنى 21-ئەسىردىكى ھالقىلىق قىيىن مەسىلە دەپ قارىغاندىن سىرت، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئۇ گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تەقدىردە، بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە مۇھىم مەھسۇلاتلاردا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بېقىنىشىنى ئازايتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.
ماركو روبىيو ئاۋام پالاتاسىدىكى خىزمىتى جەريانىدا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغان بولۇپ، خىتاي سىياسىتىگە قارشى تەشكىللىگەن سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ جازا يۈرگۈزۈشىگە ئۇچرىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ