ئامېرىكا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك 15 شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە قوشتى

ئامېرىكا رۇسىيەگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك 15 شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 15-يانۋار رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى قوللايدىغان شىركەت ۋە ئورگانلارغا قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىپ، تەخمىنەن 100 شىركەت ياكى ئورگاننىڭ قايتا جازا نىشانى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ۋە 15 يېڭى شىركەتكە جازا تەدبىرى قوللانغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى جازا تۈزۈملىرىگە ئاساسەن، رۇسىيە مۇداپىئە سانائىتى تارماقلىرى بىلەن مۇھىم سودا مۇناسىۋىتى بار شىركەتلەرنىڭ جازاغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان مەسئۇل خادىم ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان.

ئۇ يەنە جازا تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنتقا ئۇقتۇرۇش قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەدبىرلەر دونالد تىرامپ باشچىلىقىدىكى كېلەر قېتىملىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەت قوزغىمىغان ئاساستا جازا تەدبىرلىرىنى تەڭشىشى ۋە ئۆزگەرتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرى ئەنخۇي خوڭشېڭ خەلقئارا سودا شىركىتى، چىڭيۈەن فوفېڭ لېدا تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمەت شىركىتى، خېيلوڭجياڭ شۈنشېڭ ئىقتىساد-سودا تەرەققىيات شىركىتى، چىڭداۋ خېجى تىجارەت مۇلازىمەت شىركىتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» مالىيە ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى، خاڭجۇ شياڭخې سودا شىركىتى، شەنشى خوڭرۈن جىنخۇا سودا شىركىتى، فۇجيەن شىنفۇۋاڭ خەلقئارا سودا شىركىتى، جىلىن ئۆلكىسى شۈندا سودا شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1458 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2025 11:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق