ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل تۇتقۇن قىلماقتا

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2024-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن ئاسىيادا بەزى ئىجابىي ئىپادىلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 16-يانۋار ئېلان قىلغان «2025-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالى تەڭپۇڭسىز بولغان بىر يىل بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا بەزى ئىلھام بېرىشكە تېگىشلىك ئىپادىلەر كۆرۈلگەن.

مەركىزى نىيۇيوركقا جايلاشقان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەت ھۆكۈمەتتىن ھوقۇقنى تارتىۋالغىنىغا تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، بىراق قارشى چىققۇچىلارنى قاماش ۋە بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. خىتايدا شى جىنپىڭنىڭ باشچىلىقىدىكى باستۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاي 2024-يىلى قارمۇقارشى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىدىن تارتىپ، خوڭكوڭدىكى پۇقراۋى ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشىگىچە بولغان ئەھۋاللار بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن.

دوكلاتتا: «مۇستەقىل پۇقرالار جەمئىيىتى، سۆز ئەركىنلىكى، ئۇيۇشۇش، يىغىلىش ياكى دىنىي ئەركىنلىك چەكلەنگەن بولۇپ، ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا» دېيىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىش بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭ ئۆزىگە قارشى پىكىردىكى كىشىلەرگە بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلار، سەنئەتكارلار ۋە جەمئىيەت يېتەكچىلىرىنى خالىغانچە قولغا ئېلىش قاتارلىقلارمۇ ئىزچىل داۋام قىلغان.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خوڭكوڭنىڭ مەخسۇس تاللانغان سوت ئورگانلىرىغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. 14 پائالىيەتچى ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى 2020-يىلى «سۇيىقەست قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۆت يىلدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا بىۋاسىتە تاقابىل تۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1486 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2025 10:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق