ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاسىم ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن، 20-يانۋار ھىندىستاننىڭ دارامسالادا تۇرۇشلۇق تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاشى تارگىيال بىلەن كۆرۈشكەن.
ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەرياندا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە تىبەت خەلقى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا كېلىشكەن.
ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاسىم ئابدۇللاھ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 21-يانۋار يەنە دارامسالادا تىبەت خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى»نى زىيارەت قىلغان.
ئۇلار بۇ جەرياندا تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن رايوندا خىتايغا قارشى قىلىۋاتقان ھەرىكەتلەردە ھەمكارلىشىش ۋە كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىش توغرىسىدا كېلىشكەن.
ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇلتۇر 9-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ۋاسىم ئابدۇللاھ «ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ھىندىستان ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى. جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھىندىستاندا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ