«ئىككى يىغىن» شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» بىلەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» يىغىنىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» تەكلىپ كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىكى ئالاقىدار تەكلىپلەر ھەققىدىكى لايىھەلەر قاراپ چىقىلغان. يىغىندا جەمئىي 1047 پارچە ئاتالمىش «تەكلىپ» تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش» شوئارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» 14-نۆۋەتلىك 3-يىغىنى 20-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئوقۇلغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ قورچاق مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى قايتا تەكىتلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ بۇرۇنقىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا يەنە: «كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇھىم قوللانما، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك تېررور سىياسەتلىرىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە. خىتاي بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا يۇقىرىقى سىياسەتلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنى زور تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلققە ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىگە زىت بولغان ئىدېئولوگىيەنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3226 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2025 10:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق