خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق خىتايدىكى توك قىسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر ئاتالمىش «شىنجاڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈش» نامىدا 20 دىن ئارتۇق خىتاي ئۆلكىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكى بىلەن تەمىنلىگەن. خىتاي تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتايغا توشۇش ئۈچۈن، توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتكەن.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شۇنداقلا مەزكۇر شىركەتنىڭ باش مۇدىرى گاۋ جيەنجۈننىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2024-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» پىلانى بويىچە 125 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت توك خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان بولۇپ، خىتاي ئىچىدىكى 20 دىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلەتكەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، شامال، قۇياش نۇرى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، تېز سۈرئەت ۋە كەڭ كۆلەمدە داۋاملاشماقتا. ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىۋاتقان غايەت زور بايلىقلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسى ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاي بۇلاڭ-تالاڭنىڭ كۆلىمى، تۈرىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە. ئالدىنقى ھەپتە خىتاي تاراتقۇلىرى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان شەرقىي تۈركىستانغا ئاتالمىش «مىڭ دوكتور تەكلىپ قىلىش» پىلانىدىمۇ ئۇلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، تېز سۈرئەتتە ئېچىش مەقسەت قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ