ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى تايلاند ئەلچىخانسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى بىلەن مالايشىيادىكى تەسىر كۈچكە ئىگە تەشكىلات - مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABIM) ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار 24-يانۋار مالايشىيادا تۇرۇشلۇق تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى مۇدىرى ئۇمۇرۇ خانىم مالاي تىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن 48 ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇمۇرۇ خانىم  ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ھەمدە مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات مالايشىيادا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن خىزمەت قىلماقتا.

ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 24-يانۋار يەنە مالايشىيانىڭ كۇئالالۇمپۇردا تۇرۇشلۇق تايلاند ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئەلچىخانا خادىملىرىغا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان مەكتۇپ سۇنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2077 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2025 11:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق