قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف بۇ يىللىق ئالدىنقى نىشانىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قازاقىستان كۈندىلىك خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف 22-يانۋاردىكى سۆزىدە قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستان تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
توقايوف خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن چۈنلىن تاپشۇرغان مەكتۇپنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان. بۇ جەرياندا خەن چۈنلىن خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى تەسىرى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن بولۇپ، بۇ خەۋەرلىك ئەھۋالىنى ھېس قىلغان سەزگۈر كىشىلەر خىتاينىڭ يامان نىيىتىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
2020-يىلى خىتاي تور بەتلىرىدە «قازاقىستان نېمە ئۈچۈن ۋەتەن قوينىغا قايتمايدۇ؟» ماۋزۇلۇق يازمىلار تارقىلىپ، خىتاينىڭ رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئاخىرىدا قازاقىستان تەرەپ خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر يازمىلار تور بەتتىن ئۆچۈرۈلگەنىدى. خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يەنە تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان سىنلار تارقىلىپ تۇرماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە خىرىس قىلىشقا، تەسىرىنى زورايتىشقا باشلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ خىتايدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ