فىلىپپىن خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىلىپپىن ئەدلىيە مىنىستىرى كىرىسپىن رېمۇللا 23-يانۋار فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خەلقئارالىق قانۇن سۇپىسىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنرىكې مانالو بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا خەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى قوغداش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

فىلىپپىن 2016-يىلى خەلقئارا كېسىم سوتىدا خىتاينىڭ پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزغا ئىگىدارچىلىق قىلىش دەۋاسىغا قارشى تۇنجى قېتىم ئەرز سۇنغان. سوت جەنۇبىي دېڭىزدىكى توققۇز سىزىقلىق لىنىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دائىر دەۋاسىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

فىلىپپىن نۆۋەتتە ئىككىنچى قېتىم خەلقئارالىق قانۇن سۇپىسىدا خىتايغا قارشى ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانغان بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى فىلىپپىنگە تەۋە ئىقتىسادىي رايوندا «گىگانت سەدەپ قۇلۇلىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ترىداكنا مولليۇسكىنى قالايمىقان تۇتۇش ۋە مارجان خادا تاشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە ئەرز سۇنماقچى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2016-يىلى خەلقئارا كېسىم سوتىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان ۋە ھۆكۈمنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان. ئەكسىچە، ھۆكۈمدىن كېيىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش رايونلىرىدا دېڭىز ساقچىلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە بۇ سۇ رايونىنى كونترول قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1344 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2025 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق