تىرامپ: مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمىغانلار تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ 23-يانۋار دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نەچچە يۈز مىليارد دوللار، ھەتتا نەچچە تىرىليون دوللار تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تىرامپ يىغىندا: «مېنىڭ دۇنيادىكى شىركەتلەرگە بېرىدىغان ئۇچۇرۇم شۇكى، مەھسۇلاتلىرىڭلارنى ئامېرىكىغا كېلىپ ئىشلەپچىقىرىڭلار، بىز سىلەرگە دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت قويالايدىغان ئەڭ تۆۋەن باجنى قويىمىز» دېگەن ۋە ئەكسىچە بولغاندا ئۇلارنىڭ  جەزمەن تاموژنا بېجى تاپشۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ بېجىنى 21%تىن  %15كە چۈشۈرۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تاموژنا بېجى بەك يۇقىرى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چەكلىمىسى بەك كۈچلۈك، دەپ تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا دۇنيا نېفىت بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىدىغانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت باھاسىنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئامېرىكا توقۇنۇشنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشىغا تىرىشىپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1469 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2025 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق