خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر دېھقانلىرى قازغان قۇدۇقلارنى ئاتالمىش «قانۇنسىز» دېگەن باھانە بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتايلىرى قانۇنسىز قازغان قۇدۇقلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقى ھەققىدىكى قىسقا سىنلار خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى.
9-يانۋار لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت فېيسبۇكتا تارتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلار بارلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ تىنچ-ئامان ياشىماقتا» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىنىڭ پەقەتلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە تارقىتىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاش ۋاسىتىلىرى بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا سۇ مەنبەسى قىس بولۇپ، نۇرغۇن دېھقانلار يەرلىرىنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن قۇدۇق كولاپ، بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ كەلگەن. نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى چۆل ياقىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزلىرى كولىغان قۇدۇقلارنى مەجبۇرىي ئېتىۋەتكەن، ئەمما خىتاي ئاققۇنلىرى كولىغان قۇدۇقلار قالدۇرۇپ قويۇلغان.
سىندا تارقالغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشى قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن. تەكلىماكان چۆلىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان بۇ ناھىيەدىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلاردۇر.
سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئۆتكەن يىلى ئۈچ يېزىدىكى دېھقانلارنى سۇ قىسلىق مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كولىغان قۇدۇقلىرىنى كۆمۈۋېتىشكە مەجبۇرلىغان. يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم يېزىسىدىكى قۇدۇقلار مەجبۇرىي تىندۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيە»سىدىن سۇ سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىغان.
تارقالغان 34 سېكۇنتلۇق سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئاچقان بىر قۇدۇقنىڭ مەجبۇرىي تىندۇرۇۋېتىلىشى سەۋەبلىك، 50 مودىن ئارتۇق يەر سۇسىز قالغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ۋە بىر قىسىم جازالارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش، ئىرقىي كەمسىتىش، باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ