سۇتۇق بۇغراخان ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قارمىقىدىكى ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسى 24-يانۋار مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىم سەھنىسى ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇشقا، ئىلىم ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالاھىدە بېزەلگەن بولۇپ، «كۆڭۈللۈك تەتىل بولسۇن!» دەپ يېزىلغان كارتىلارنى ئېسىلدى. مۇراسىمدا يەنە سەبىيلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەقدىرنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.

سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەربىيەلىنىشى، ھۆكۈمەت مەكتىپىدىكى دەرس نەتىجىلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئانا تىلنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى زامانىۋى ئىلىملەر بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزگىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش مېتودىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ كەلمەكتە.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، كونيا، قەھرىمانماراش ۋە كاستامونۇ شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا پۈتۈن شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇشقا يېتەكلەش، ياردەم قىلىش، ئوقۇشقا كىرىشىگە ياردەم قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ۋەقفىنىڭ ئىستانبۇل ۋە كونيادا تەسىس قىلغان ئالتە تەلىم-تەربىيە مەركىزى بار بولۇپ، يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2215 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2025 22:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق