خىتاي 2024-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزگەن» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇغان توك مىقدارى 126 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇپ كەتكەن توك مىقدارى 126 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ 2024 ـ يىلىغىچە، خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى ئۇدا بەش يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.6 ئاشقان.
2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 39 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. توشۇلغان ئومۇمىي توك مىقدارى 38 مىليون 330 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە باراۋەر بولۇپ، يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى 60 توننا بولغان 890 مىڭ ۋاگونلۇق يۈك تىرانسپورت پويىزى ئارقىلىق توشۇشقا توغرا كېلىدىكەن.
خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» كۆلىمىنى يىلدىن-يىلغا كېڭەيتكەن بولۇپ، 2010-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، يەتكۈزۈش كۆلىمى 42 ھەسسە ئاشقان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكى بىلەن تەمىنلىنىدىغان خىتاي ئۆلكىسى 7 دىن 22 گە كۆپەيگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش 3-يولى بولغان قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەن ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى خىتايغا توشۇش ئىقتىدارى 33 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدىكەن. سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارىنىڭ نىسبىتى ھازىرقى %30 تىن %50 كە ئۆسىدىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسىغا ئايلانغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، تېز سۈرئەت ۋە كەڭ كۆلەمدە داۋاملاشماقتا. ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىۋاتقان غايەت زور بايلىقلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسى ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاي بۇلاڭ-تالاڭنىڭ كۆلىمى، تۈرىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە. ئالدىنقى ھەپتە خىتاي تاراتقۇلىرى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان شەرقىي تۈركىستانغا ئاتالمىش «مىڭ دوكتور تەكلىپ قىلىش» پىلانىدىمۇ ئۇلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، تېز سۈرئەتتە ئېچىش مەقسەت قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ