فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى تايلاندنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى

فىرانسىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تايلاند ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ھازىرغىچە نامەلۇم بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى 23-يانۋار «ئازادلىق گېزىتى» ئارقىلىق تايلاندنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىگە مەكتۇپ يوللىغان.

يېقىندىن بىر نەچچە ھەپتە مابەينىدە تايلاندتا 10 يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىغانىدى. گەرچە تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي قايتۇرۇش قارارى بارلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى يەنىلا مۈجمەل بولغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەلىك ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى گرۇسكوفمان 23-يانۋار باشقا فىرانسىيەلىك ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، فىرانسىيەنىڭ «ئازادلىق گېزىتى» ئارقىلىق تايلاندنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللىغان.

مەكتۇپتا تايلاند ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە زۇلۇملىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، خەلقئارا كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىشقا ۋە ئىنسان ھەقلىرى پىرىنسىپى بويىچە، مەزكۇر 48 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە بېرىش تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلغان.

24-يانۋار مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرى پارىژدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 936 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2025 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق