تىرامپ خىتايغا %10 قوشۇمچە باج قويۇش بىلەن ۋەزىپىسىنى باشلىدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ سايلام جەريانىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا %65 كىچە باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ %10 بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 25-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خاراكتېرى ئۇنىڭ خىتايغا قويغان باج مەسىلىسىدىمۇ نامايان بولغان. ئۇ پىرېزدېنتلىققا ئولتۇرغان ئىككىنچى كۈنى خىتاينىڭ فېنتانىل زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مېكسىكا ۋە كانادا ئارقىلىق ئامېرىكىغا كۆپلەپ كىرىشىگە يول قويغانلىقىغا جازا بېرىش ئۈچۈن، خىتايغا %10 قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ ساننى ئۇنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى خىتاي ماللىرىغا قويماقچى بولغان %65 لىك باج بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانىدا بىر قەدەر ئۆزگىرىش بولغان. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى تەھدىت سالغاندەك دەرھال باج قويغان. ئۇ يەنە شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ تىرامپنىڭ خىتايغا بىر قەدەر نەپەسلىنىۋېلىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى ھېسابلىنىدىكەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، تىرامپنىڭ ھەرىكىتىدىن خىتاي بىلەن سودا قىلىش نىيىتى بارلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتايغا ئۆزىنىڭ ئەڭ جىددىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاقىت بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ مەسىلىلەر توختاپ قالغان ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خىتاينىڭ رېكورت ياراتقان يەتتە تىرىليون يۈەنلىك سودا سوممىسى سەۋەبلىك جىددىيلەشكەن سودا شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 939 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2025 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق