ئامېرىكا ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئارقىدىن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە رايون سىياسىتى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تەيىنلەنگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو 24-يانۋار خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. ماركو رۇبىيو سۆھبەتتە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماركو رۇبىيو يەنە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرلاش ھەرىكەتلىرىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ماركو روبىيو يەنە خىتاي ئەمەلدارى بىلەن ئىككى تەرەپلىمە ھەمكارلىشىش، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە باشقا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 986 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2025 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق