ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئامېرىكانىڭ سۇرىيەدە ئىشى يوقلۇقىنى، بۇ ھەقتە بىر قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 31-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە قارار بارمۇ؟» دەپ سورىغان. تىرامپ: «سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە بىر قارار چىقىرىمىز. بىز سۇرىيە مەسىلىسىگە ئەزەلدىن ئارىلاشمىدۇق. سۇرىيە ئۆزىنىڭ غېمىنى قىلماقتا. ئۇ يەردە يېتەرلىك دەرىجىدە قالايمىقانچىلىق مەۋجۇت. سۇرىيەنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىمىزنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ