ئامېرىكا خىتاي ۋە خوڭكوڭدىن كېلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى چەكلىدى

ئامېرىكا پوچتا مۇلازىمىتى ئورگىنى (USPS) يېقىندا مۇھىم بىر قارار ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە خوڭكوڭدىن ئامېرىكىغا يوللىنىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ كىرىشىنى كېيىنكى قېتىملىق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغانغا قەدەر توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارار ئاساسلىقى خىتاي سودىگەرلىرى ۋە تور سودىسى شىركەتلىرىنىڭ پوچتا يوللانمىلىرى ئارقىلىق مال ئەۋەتىش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان. ئامېرىكا پوچتا مۇلازىمىتى ئورگىنىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ چەكلىمە ئاددىي خەت-چەك يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

مەزكۇر قارار كەڭ دائىرىلىك سودا ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ چەكلىمە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ 1-فېۋرالدا ئىمزالىغان مۇھىم ئىقتىسادىي قارارلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلارغا %10 قوشۇمچە باج، كانادا ۋە مېكسىكىدىن كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلارغا %25 قوشۇمچە باج بەلگىلىگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇپ، دەرھال ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان. خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت، دېھقانچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللارغا %10، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گازغا %15 قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، USPS نىڭ بۇ قارارى خىتاي بىلەن بولغان سودا زىددىيىتىنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىغىچە كېڭەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1357 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2025 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق