تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارن شىناۋاترانىڭ دۇنيادا مۇقىمسىزلىق كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە خىتاينى زىيارەت قىلىشى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئەندىشىنى كۈچەيتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارن شىناۋاترا 5-فېۋرال خىتايدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە مەركەزلىشىدىغان بولۇپ، ئۇ يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى يەنە خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ تايلاندقا بېرىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت خىتاي ساياھەتچىلەر تايلاندتىكى ساياھەت خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايلارنىڭ تايلاند ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ تور ئالدامچىلىقى مەركەزلىرىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى خىتايغا تايلاندتىكى ئالدامچىلىق گۇرۇھلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا كاپالەت بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
يېقىندا، تايلاند ۋە خىتاي ساقچى ئورگانلىرى خىتاي-تايلاند-بېرما چېگراسىدىكى تور ئالدامچىلىقى ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئۇندىن باشقا، خىتاي بىلەن تايلاند تور ئالدامچىلىقى گۇرۇھلىرىغا قارشى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە، شۇنداقلا باڭكوكتا ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇشقا كېلىشكەن.
تەتقىقاتچىلار تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تايلاندتا تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە تايلاند ساقچىلىرى بىلەن تېخىمۇ رەسمىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە تايلاندتا خىتاي ساقچىخانىسى قۇرۇش قاتارلىقلار بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تايلاند خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولۇپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى سودا سىياسىتىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قاتتىق قول مۇئامىلە قىلغان تەقدىردە، بۇ خىتايغا باڭكوك بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
يېقىندا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تايلاندنى نەزەربەندتىكى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق قىسمەن تەھلىلچىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تايلاندنىڭ خىتاينىڭ تەلىپى ۋە بېسىمىغا بويسۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي بىلەن تايلاندنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، تايلاندتا يىللاردىن بېرى ناچار مۇھىتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ خەتەر ئىچىدە قېلىۋاتقانلىقىنى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىردەك ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، 48 ئۇيغۇرنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرمىغۇچە، ئۇلارنىڭ خەۋپتىن تولۇق قۇتۇلغان ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ