خىتاينىڭ تىبەتتىكى توسما پىلانى ئەندىشە قوزغىماقتا

خىتاي قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان تىبەت مېدوگ توسمىسى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 7-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى پۈتكەن تەقدىردە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر توسمىسىغا ئايلىنىدىغان بولۇپ، بۇ توسما ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان تىبەت-چىڭخەي ئېگىزلىكىگە جايلاشقان.

خىتاي تىبەتتە قۇرۇلۇۋاتقان مېدوگ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشنىڭ بىر يولى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇش تۈرى مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەققىدە ناھايىتى ئاز ئۇچۇر بەرگەنلىكى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، توسما قۇرۇلۇۋاتقان رايون يەر تەۋرەش بەلبېغىدا بولۇپ، توسما سېلىنىۋاتقان تىبەتتىكى يارلۇڭزاڭبو دەرياسى ھىندىستانغا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، براخماپۇترا دەرياسى دەپ ئاتىلىدىكەن. بېنگالغا ئېقىپ كىرگەندە، جامۇنا دەرياسى دەپ ئاتىلىدىكەن. خىتاي قۇرۇشنى پىلانلىغان توسما مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا يارلۇڭزاڭبو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا مېدوگ توسمىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما تۈرنىڭ خىراجىتى، مەبلەغ مەنبەسى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە قايسى شىركەتلەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ۋە رايونغا كۆچۈرۈلىدىغان نوپۇس سانى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان. توسما تىبەت رايونىدىكى مېدوگ ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، بىر تىك جىلغىغا قۇرۇلىدىكەن.

بۇ يەردە دەريا سۈيى تاقىسىمان ئەگىپ ئاقىدىغان بولۇپ، چوڭ ئەگىم ئېقىن دەپ ئاتىلىدىكەن. دەريا سۈيى تەخمىنەن 48 كىلومېتىر ئارىلىقتا 2000 مېتىر تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى ئىگىلىكىدىكى ئېلېكتىر قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ 2020-يىلىدىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئېقىندىكى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى يىلىغا 300 مىليارد كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرالايدىكەن. بۇ سەنشيا توسمىسىنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.

خىتاي قايسى شىركەتنىڭ بۇ توسمىنى ياساۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان، ئەمما بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئۇل مۇئەسسەسە قۇرغۇچىسى خىتاي ئېلېكتىر قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر شىركەت مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1448 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2025 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق