قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف 5-فېۋرال شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قىرغىزىستان شىنجاڭغا ئالاقىدار، خوڭكوڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە خىتاينى قەتئىي قوللايدۇ» دېگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينى زىيارەت قىلغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىدىن پەرقلەنمەيدىغان ئىبارىلەرنى قوللانغان.

ئۇ ئالدى بىلەن: «خىتاي 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى» دېگەن. ئارقىدىن يەنە: «قىرغىزىستان تەيۋەن مەسىلىسى ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار، خوڭكوڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە خىتاي تەرەپنى قەتئىي قوللايدۇ» دېگەن.

سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن جاپاروف خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنى ئورتاق ئىمزالىغان.

يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، سودا، ھەربىي، سىياسەت، ئاخبارات، مائارىپ قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلماقتا. نەتىجىدە خىتاي بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە خىتايغا قارشى ئاۋازلارنى بېسىقتۇرماقتا. خۇسۇسەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىنىپ قالغان قىرغىزىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تەدرىجىي تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ رەزىل مەقسىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا بولغاندىن باشلاپ روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. شۇندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2024-يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن پايدىلانغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتايلار مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەردىكى يەرلىك خەلققە قاراتقان كەمسىتىش قىلمىشلىرى ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن شەپە بېرىشكە باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي ئاققۇنلار ئارىسىدا پات-پات توقۇنۇش كېلىپ چىقماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1584 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2025 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق