ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ 8-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن روياپقا چىقىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھىندىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن. ئاساسلىق تېمىلار سودا، تاموژنا بېجى ۋە كۆچمەن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن. ھىندىستان ھەربىي ئىتتىپاققا قوشۇلۇشقا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مودىنىڭ زىيارىتى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىق مۇھىم ھەربىي سودىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن ۋە خىتايغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ