ھاماس ۋەكىللىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا

ھاماس ۋەكىللىرى مىسىردا ۋاسىتىچى دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەت ئارقىلىق غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشقان.

ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، غەززەدىكى جىددىي ۋەزىيەت ۋە مۇقىمسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھاماس ۋەكىللىرى قاھىرەدە ۋاسىتىچىلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرىنى غەززەگە يەتكۈزۈشنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى كېچىكتۈرگەن. ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى، جۈملىدىن باش مىنىستىر نېتانياھۇ ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ئەسىرلەر شەنبە كۈنىگىچە قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ھەربىي ھەرىكەتنى قايتا باشلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، غەززەدىكى ۋەزىيەت يەنىلا ئېغىر ھالەتتە بولۇپ، دوكلاتلارغا قارىغاندا غەززە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، 48 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلغان. نۆۋەتتە ئەرەب دۆلەت رەھبەرلىرى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش پىلانىغا بىردەك قارشى تۇرغان بولۇپ، غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائېل كاتز ھاماس غەززەدىكى بارلىق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرمىسە ھۇجۇم باشلايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ: «يېڭى غەززە ئۇرۇشى ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇرۇنقىدىنمۇ شىددەتلىك بولىدۇ» دەپ تەھدىت سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4506 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2025 12:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق