ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئورتاق ھەمكارلىق ئاساسىدا، ئەمەلىي كۈچ بىلەن تىنچلىق ئورنىتىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبانىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە بىردەك پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. تىرامپ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىشىبا جەنۇبىي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەركىن ۋە ئوچۇق ۋەزىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە قەتئىي ساقلاش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جەنۇبىي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تىرامپ بىلەن ئىشىبا ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي سۆھبەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، ئىككى ئەمەلدار مۇھىم دەپ قارىغان مەسىلىلەردە خىتاينىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق تونۇشقا كەلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ