ياۋروپا ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ سىرتىدا قېلىشتىن ئەندىشە قىلماقتا

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نۆۋەتتە ئىتتىپاقداشلىقنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا ئۇكرائىنا سۆھبىتىدە سىرتتا قالدۇرۇلۇشتىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 14-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، بىريۇسسېلدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ياۋروپا رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى كىرگۈزمەي رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇكرائىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە ئورتاق ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.

ياۋروپا ئەمەلدارلىرى تىنچلىق سۆھبىتىدە ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ ئاجىز ئورۇندا قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ۋاقىت سەرپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىكى ئەندىشە كۈچەيگەن بولۇپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقىچە ئۇسۇلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

يېقىندا تىرامپ بىلەن پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ئۇكرائىنا ياكى ئۇنىڭ پىرېزىدېنتىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى ئىكەن. ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئانتونىئو كوستا ئىشەنچلىك سۆھبەت ئۈچۈن، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، تىنچلىق ئۈچۈن پەقەت ئۇرۇش توختىتىشلا ئەمەس، يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىتىنىمۇ ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1065 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2025 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق