دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق پۇتبول كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقارغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا، يەكلەشكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، مەيدانىدىن ھېچ ۋاز كەچمىگەن داڭلىق پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل 16-فېۋرال تۈركىيەدىكى ۋاۋ تېلېۋىزىيە قانىلىدا ياشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، پىروگراممىغا قاتناشقان ياشلار ئۇنىڭدىن پۇتبول ھاياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىدى.
پىروگرامما جەريانىدا نەچچە قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، تۇبا ئىسىملىك بىر قىزنىڭ: «پۇتبولچىلىق ھاياتىڭىزدا نۇرغۇنلىغان پىداكارلىق كۆرسەتتىڭىز، بۇ پىداكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى قايسى ئىدى؟ ئۇ پىداكارلىقىڭىزغا ئەرزىدى، دەپ قارامسىز؟» دېگەن سوئالىغا بەرگەن جاۋابى ھەممىنى قايىل قىلدى ۋە ھاياجانلاندۇردى.
ئۇ جاۋابىدا: «پىداكارلىق شۇنداق باشلاندى، ئاۋازىمنى كۆتۈردۈم، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا قارشى چىقتىم ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتايدا چەكلەندىم، ئىسمىم ئۆچۈرۈلدى، خىتايغىمۇ بارالمايمەن. بۇ ئىشنىڭ بېشى مۇشۇنداق باشلاندى. چۈنكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۈچلۈك ۋە تونۇلغان بىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدىم. يەنە كېلىپ ئۇ ئۇچۇرنى مۇنداقلا يوللىمىدىم، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمنى ئۆزۈم ۋە قول ئاستىمدىكىلەر بىلەن تەكشۈردۈم ۋە ھەقىقەتنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ئۇ قەدەمنى باستىم. ئەنە شۇ ئۇچۇرنى ھەمبەھرىلىگەندىن كېيىن قىيىنچىلىقلار چىقىشقا باشلىدى، كوماندا ئەزالىرى سىرتىغا چىقىرىۋېتىش، يالغۇز مەشىق قىلىش دېگەندەك. ئەلۋەتتە تىرېنېرىم چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا تىرىشاتتى، لېكىن مەن ئىشنىڭ ئارقىسىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. يەنى مۇشۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا باشلىدىم. ئەمما دېگىنىمدەك، مۇھىم بولغىنى مېنىڭ ھەر ۋاقىت بىر مەيدانىم بار، مەن بۇنى كىشىلەرنىڭ: قارا شۇنىڭغا ماشائاللاھ، ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولدى، دەپ تىلغا ئېلىشى ئۈچۈن قىلمىدىم، ئۆز ۋىجدانىم ئۈچۈن قىلدىم. ھېلىمۇ ياخشى قىلىپتىمەن، ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا، يەنە قىلاتتىم، ھەتتاكى تېخىمۇ ئېغىرىنى قىلاتتىم» دەپ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن سۆيۈنگەن ياشلار قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنچە پېشكەلچىلىك ۋە مىليونلىغان دوللار قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراپ تۇرۇپ، ھەتتا پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارغان باسقۇچنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان ئۇ ئۇچۇرغا يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، قىلچىلىك ئۆكۈنمەستىن مۇسۇلمان تۈرك ياشقا لايىق جەسۇر سۆزلەرنى قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق ھاياجانلاندۇردى ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىتىلدى.
مەسئۇت ئۆزىل 2019-يىلى 13-دېكابىر 21 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان ئىنستىگرام ۋە 24 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان تىۋىتتېر، شۇنداقلا 30 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغا فېيسبۇكتا تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى ھەمبەھرىلىگەنىدى ۋە قىسقا ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى:
«ئەي شەرقىي تۈركىستان...
ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى...
ئەزىيەتلەرگە قارشى چىداپ كېلىۋاتقان مۇجاھىد ۋە مۇجاھىدەلەر جەمئىيىتى...
ئىسلامدىن مەجبۇرىي يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا قارشى يالغۇز كۈرەش قىلىۋاتقان شانلىق مۇئمىنلەر...
قۇرئانلار كۆيدۈرۈلمەكتە...
مەسچىتلەر تاقالماقتا...
مەدرىسەلەر چەكلەنمەكتە...
دىن ئالىملىرى ئارقىمۇ ئارقا ئۆلتۈرۈلمەكتە...
ئەرلەر مەجبۇرىي لاگېرلارغا سولانماقتا...
لاگېرلارغا سولانغان ئەرلەرنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەرلەر ئۇ ئائىلىگە يەرلەشتۈرۈلمەكتە...
ئاچا-سىڭىللىرىمىز مەجبۇرىي خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلدۇرۇلماقتا...
مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بولۇۋاتقان تۇرۇپ...
ئۈممىتى مۇھەممەد سۈكۈتتە...
ئاۋازى چىقمايدۇ...
مۇسۇلمانلار ئىگە چىقمايدۇ...
ئۇلار بىلمەمدىكىن، زۇلۇمغا رازى بولۇش زۇلۇمدۇر...
ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نېمىدېگەن گۈزەل ئېيتقان:
زۇلۇمنى چەكلىيەلمىسەڭلار، ئۇنى ھەر كىشىگە ئاڭلىتىڭلار!
غەرب مېدىياسى ۋە دۆلەتلىرىدىمۇ بۇ ۋەقەلەر ئايلار، ھەپتىلەر كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە مېدىيالىرى قەيەردە؟ ...
ئۇلار بىلمەمدىكىن، زۇلۇم بار يەردە تەرەپسىز بولۇش نومۇسسىزلىقتۇر.
ئۇلار بىلمەمدىكىن، يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە دائىر ئەسلەيدىغانلىرى زالىملارنىڭ قىيىن-قىستاقلىرى ئەمەس، بەلكى بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرغانلىقى بولىدۇ..
يا رەب، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىل...
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تۇزاق قۇرغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىنى بەربات قىلىشقا ئەڭ ماھىردۇر.
خەيرلىك جۈمەلەر، شەرقىي تۈركىستان»
مەزكۇر ئۇچۇر ئېلان قىلىنىپ بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىمۇ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا دىققەت قاراتقان بۇ ئۇچۇرىنى خەۋەرلەشتۈرۈپ تارقاتقانىدى ۋە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، ھەتتا ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە سەۋەب بولغانىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا مەخسۇس ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۇنىڭ بۇ جاسارىتىنى ئالقىشلىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر