تىرامپنىڭ تاموژنا جازاسى سەۋەبلىك، خىتايدا ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش قىيىنچىلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ياپونىيە ئاسىيا ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 18-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ خىتايغا قارىتا يولغا قويغان تاموژنا تەدبىرلىرى خىتايدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئەرزان ماللارنى سېتىشتىكى قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتىكەن.
2024-يىلى 3-پەسلىگىچە خىتايدىكى يېڭىدىن تىزىملاتقان شىركەتلەرنىڭ %23 تىن ئارتۇقى زىيان تارتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ بولغان. 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى خىتاي ئېكسپورت ماللىرىغا قوشۇمچە باج قويۇش تەدبىرى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى مالىيە قىيىنچىلىقىغا دۇچار قىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەلگە يۆتكىلىشىنى تېزلىتىشى، شۇنداقلا ئاجىز بولغان بازارغا تېخىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېكسپورتقا تايىنىشى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سودا توسالغۇلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئەسلىدىكى سودا كاساتچىلىقنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. پولات ۋە قۇياش ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مۇھىم سانائەتلەر ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، چوڭ شىركەتلەر زور مىقداردىكى زىياننى مەلۇم قىلغان.
گەرچە خىتاي رېجىمى باھانى كونترول قىلىشقا، تېخىمۇ مۇقىم رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادشۇناسلار پەقەت كارخانىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنىڭلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئىقتىسادتىكى ئېھتىياجنىڭ يېتەرسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنى مەركەز قىلغان سىياسەتكە يۈزلىنىش خىزمەت پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىشىگە ياردىمى بولمىغان بولۇپ، تىجارىتى كاساتلاشقان شىركەتلەرنىڭ توختىماي كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ