تايلاند ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشنى پىلانلىغان

40 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى «تەكشۈرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

باڭكوك پوچتىسىنىڭ 5-مارت خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاي ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋى سودسوڭنىڭ 18-مارت شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، تايلاندتا ئون يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن 40 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پۇمتام چارشەنبە كۈنى يەنە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتا قانۇنىي تەلەپلەرگە قاتتىق رىئايە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سەپسەتىلىرىنى تەكرارلىغاندىن سىرت، خىتايدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىقتىن باشقا، مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەۋاتقان پۇمتام تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى 11 يىل داۋامىدا چوڭ مەسىلە چىقارماي ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تەكرارلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە يىلدا ب د ت مۇساپىر ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقىدىن ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان جاي مەسىلىسىدە ياردەم قىلىشنى سورىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى 10 نەچچە يىل بۇرۇن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن قېچىپ تايلاندقا بارغان تەخمىنەن 350 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، 2015-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلاردىن بولۇپ 172 ئۇيغۇر تۈركىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى. تايلاند ھۆكۈمىتى بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغانىدى. خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھازىرغىچە نامەلۇم تۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1494 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2025 10:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق