تايلاند باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تايلاند ھۆكۈمىتى جىنايىتىدىن قېچىش ئۈچۈن، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، بىر نەچچە دۆلەتنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئاخىر ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلىغان. تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە ئىنسانىي ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، بۇ جىنايەتنى ئىجرا قىلغان.

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاي دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئاقلاپ، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەكلىپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە: «بىز ئون نەچچە يىل كۈتتۇق، مەن نۇرغۇن چوڭ دۆلەتلەر بىلەن سۆزلەشتىم، ئەمما ھېچكىم ماڭا بۇ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى» دېگەن. ھالبۇكى ئۇ 2006-يىلىدىن 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىمىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ بۇ 48 ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ ئامېرىكىلىق ئەمەلدار سۆزىدە: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تايلاند ئەمەلدارلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە قايتا-قايتا تەكلىپ سۇندى. بىر مەزگىل بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئارىلاشتى» دېگەن.

دىپلوماتلار ۋە ئەھۋالدىن بىۋاسىتە خەۋەردارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت خەۋەر مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كانادامۇ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق تەكلىپى بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خەۋەر مەنبەسى يەنە ئاۋسترالىيەنىڭمۇ پاناھلىق تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما تايلاند خىتاي بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلمىغان.

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇس جالىچاندرا (Russ Jalichandra) تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى بايانلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئىلگىرى ھەقىقەتەن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن تەقدىردە، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1548 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2025 10:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق