تەتقىقاتچىلار: قىسقا سىنلار ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ

تەتقىقاتچىلار تىك-توكقا ئوخشاش سۇپىلاردىكى قىسقا سىنلارنىڭ ھېسسىياتقا، ئۆگىنىشكە ۋە ئەستە ساقلاشقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، تىك توكقا ئوخشاش قىسقا سىن سۇپىلىرىغا بېرىلىپ كېتىش ئەقىل-ئىدراك ئاجىزلىقىغا سەۋەب بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۇپىلارنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىدىغان، بۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئاخىردا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، چۈشكۈنلۈك ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە مۇپتىلا بولىدىكەن.

بۇ تەتقىقات تۈرى 17 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان 112 ئادەمنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ مېڭىسى سىكاننېرلەپ تەكشۈرۈلگەن. بۇ خىل قىسقا سىنغا خۇمار بولۇش ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغىلا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە پائالىيەتلىرىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ ھادىسە ئادەتتە «تىك - توكلۇق مېڭە» ياكى «چىرىگەن مېڭە» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سىنلىق مەزمۇنلارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 991 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2025 11:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق