خىتاي باش مىنىستىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش ھەققىدە قەسەم قىلىشقا مەجبۇر بولدى

خىتايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىزىسى كۈچەيگەن بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئىش ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش توغرىسىدا قەسەم قىلغان.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 6-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەخمىنەن %5.5 ئەتراپىدا ساقلاپ، 2025-يىلىغىچە 12 مىليوندىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسىگە يېڭى ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىشنى پىلانلىغان. خىتاي بۇ خىل پىلان ئارقىلىق خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ئاستىدا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.

گەرچە خىتاي ئۆتكەن يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان بولسىمۇ، بىراق تەھلىلچىلەر ئەمگەك كۈچى بازىرى مەلۇماتلىرىدىكى پەرقلەر ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئىش ئورنى يارىتىشتىكى تەسىرىنىڭ تۆۋەنلىشى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن. خىتايدا پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش، شۇنداقلا خىتايدىكى ئىشسىزلىق كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش» نامىدا 14 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا ھەر يىلى 200 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئاققۇننى يەرلەشتۈرۈشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىس، ئىشسىزلىق مەسىلىلىرىنى بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش پىلانى بويىچە، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1560 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2025 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق