ياۋروپا تىرامپنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى تەھدىتى سەۋەبلىك قايتا قوراللىنىشنى پىلانلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تىرامپنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىگە تەھدىت سېلىشى ۋە رۇسىيە تەھدىتىنىڭ يېقىنلىشىشى سەۋەبلىك قايتا قوراللانماقچى بولغان.

CNN قانىلىنىڭ 7-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا رەھبەرلىرى جىددىي يىغىندىن كېيىن، ياۋروپا قىتئەسىنى قايتا قوراللاندۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. ياۋروپانىڭ بۇ يىغىنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ياردىمى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن چاقىرىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئۇكرائىناغا بولغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىپ، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى مەسئۇلىيىتىدە گۇمان پەيدا قىلغان. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا قوللىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ياۋروپانىڭ ئۆز-ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى توغرىسىدا ئەندىشە قوزغىغان.

نۆۋەتتە رۇسىيە ياۋروپاغا نىسبەتەن مەۋجۇتلۇق تەھدىتى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرى ۋە ئۇكرائىنانى قوللاش ئۈچۈن 800 مىليارد ياۋرو ئاجرىتىش پىلانىدا بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان 33 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق ياردەم خىراجىتى جازا يۈرگۈزۈلگەن رۇسىيەنىڭ مال-مۈلكىدىن ئېلىنىدىكەن.

كەسكىنلىك كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ناتو ئەھدىنامىسىنىڭ 5-ماددىسىدىكى ئورتاق مۇداپىئە ۋەدىسى دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان. تىرامپ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىسا ئامېرىكىنىڭ ناتودىن چېكىنىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانى قوللاشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. ماكرون ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئالدىراقسان كېلىشىمىگە يول قويماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي تىنچلىق كېلىشىمى تەييارلاۋاتقان بولۇپ، كېلىشىم پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان. ماكرون بىر ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ تەكلىپنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1387 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2025 10:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق