ئامېرىكا ياۋروپادىكى كونسۇلخانىلىرىنى تاقاشنى پىلانلىغان

تىرامپ ھۆكۈمىتى ياۋروپادىكى بىر قىسىم كونسۇلخانىلىرىنى تاقاش ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنى قىسقارتىش پىلانىنى تۈزگەن.

مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ 7-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ ۋە مىلياردېر ئېلون ماسك رەھبەرلىكىدىكى كەڭ كۆلەملىك چىقىم قىسقارتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى غەربىي ياۋروپادىكى بىر قانچە كونسۇلخانىنى تاقاش ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ سانىنى قىسقارتىشقا تەييارلىق قىلغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ئىنسان ھەقلىرى، كۆچمەنلەر ۋە باشقا مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن خاس بۆلۈملەرنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلاشماقتىكەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۇنيا مىقياسىدىكى دىپلوماتىك خادىملىرىنى كەم دېگەندە %10 قىسقارتىشنى نىشانلىغان. تەنقىدچىلەر بۇ قىسقارتىشلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيەدەك رەقىبلەرگە بوشلۇق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان.

تاقىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن كونسۇلخانىلار لايپزىگ، ھامبۇرگ، دۇسسېلدورف، بوردو، ئىستراسبۇرگ ۋە فىلورېنسىيە قاتارلىق شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاخىرقى قارار تېخى رەسمىي بېكىتىلمىگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپتىكى تارماق ئىدارىسىنى تاقاش پىلانىنى پارلامېنتقا بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ تارماق ئىدارە سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نۆۋەتتىكى سىناقلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق باھالاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1404 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2025 10:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق