ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتمەكتە

ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە خىتاي بىلەن كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش ئاساسىدا، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتكەن.

نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 7-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىزچىل ھالدا جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ فىلىپپىن قاتارلىق بىر قانچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بولۇپمۇ فىلىپپىن خىتاي دېڭىز ساقچى پاراخوتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەن.

ئالدىنقى مەزگىللەردە فىرانسىيەنىڭ ئاۋىياماتكىسى بۇ رايوندا ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزگەن. گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا بولسا بۇ رايوندا ئۇزۇن يىل مەۋجۇت بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، مۇھىم دېڭىز ئارمىيە پائالىيەتلىرىنى قايتا باشلىغان. ياپونىيە مالايشىيا ئارمىيەسى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، بۇ رايوننىڭ خەلقئارا دېڭىز رايونى بىخەتەرلىكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئانالىزچىلار دەرھال توقۇنۇش پارتلاپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىمايدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ كىرىزىس دەۋرىدە توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە تىرىشىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1430 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2025 10:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق