ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتاينىڭ ئېكسپورتلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئىككىلەمچى جازا قويۇش ھەققىدە تەھدىت سالغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىز خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ يەتتە ھەپتىسى ئىچىدە، خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى جەمئىي %20 ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ سودا پىلانلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ يېڭى تەدبىر خىتاينى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىستراتېگىيەسىدىن پايدىلانغان دۆلەتلەرنى نىشان قىلغان بولۇپ، شىركەتلەرنى گېئوپولىتىكىلىق خەتەرنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تىجارەتنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەشكە مەجبۇرلىغان.
گەرچە خىتاينىڭ 2024-2017-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورت نىسبىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئېكسپورت نىسبىتى ئاشقان. ئامېرىكا يەنە مېكسىكا، كانادا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاي ماللىرىغا باج قويۇشقا مەجبۇرلىغان.
ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي سودىسىغا تايانغانلىقى سەۋەبلىك زىيان تارتسىمۇ، ھىندىستان ئۆزىنىڭ 2030-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىمە سودىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش پىلانى بىلەن پايدىلىق پۇرسەتلەرنى كۆرمەكتىكەن. بىراق مەۋجۇت تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى خىتاينى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىش مەسىلىسىنى قىيىنلاشتۇرغان. بۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولماي، تەدرىجىي ۋە تاللانما ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى داۋاملىشىۋاتقان كەسكىنلىك خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سودا كېلىشىمى پۇرسىتىنى ئازايتماقتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ