پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەر خىتاينىڭ پاكىستاندىكى مەنپەئەتلىرىگە قارشى يېڭى ئارمىيە تەشكىللىگەن.
نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 7-مارت خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ، خىتاينىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى مەنپەئەتلىرىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان بەلۇجىستان مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرغان. «بەلۇجىستان مىللىي ئازادلىق سېپى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىتتىپاق پاكىستاندا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى بۇزۇش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن. بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى بولسا يەرلىكتىكى بايلىقلارنى بۇلاڭ –تالاڭ قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشى قەبىلىلەر ئارىسىدىكى رىقابەتتىن تېخىمۇ مەركەزلەشكەن قوراللىق ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، خىتايغا قارىتىلغان تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. مەزكۇر ئىتتىپاق يەنە ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە دىپلوماتىك ھەرىكەت قوزغاشنى پىلانلىغان. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىتتىپاقنىڭ باشقۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈمدارلىقى توغرىسىدا ئەندىشىلەر مەۋجۇت ئىكەن.
پاكىستان نامرات بولغان بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشتا خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە باشقا ياردەملىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن. پاكىستاننىڭ بۇ ئاجىزلىقى دەل شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا ئۇدۇل كەلگەن. ئەمما خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، رايوندىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە بەلۇجىستاننىڭ يەرلىك مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان نۇرغۇن تەشكىلاتلار بار بولۇپ، بۇ قېتىم بۇ قوراللىق گۇرۇپپىلار خىتايغا قارشى ئىتتىپاق قۇرغان. ئۇلار پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بەلۇجىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلماقتىكەن. بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى يەنە خىتايدىن خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ۋە باشقا مەبلەغلەرنى چېكىندۈرۈشنى، شۇنداقلا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ پاكىستاندىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلماقتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ