ئىران، خىتاي ۋە رۇسىيە يىللىق بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى

تىرامپ ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئىران، خىتاي ۋە رۇسىيە يىللىق بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرىنى باشلىغان.

CNN قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران، خىتاي ۋە رۇسىيە 10-مارت ئوممان قولتۇقىدا «بىخەتەرلىك بەلبېغى-2025» ناملىق يىللىق بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرىنى باشلىغان. بۇ مانېۋىر پىرېزىدېنت تىرامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان پەيتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۆرسەتكەن.

بۇ 2019-يىلىدىن بۇيانقى بەشىنچى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مانېۋىرنى «مۇستەبىتلىك ئوقى» دەپ ئاتىغان.

بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا 15 ئۇرۇش پاراخوتى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرخىل مەشىقلەر ئارقىلىق ھەربىي ئىشەنچنى كۈچەيتىش ئاساس قىلىنغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مانېۋىر ئامېرىكا بىلەن بولغان زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىشى، بولۇپمۇ ئىراننىڭ يادرو پىلانى ۋە ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرلىرى مەسىلىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1378 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2025 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق