ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قاراتقان ياردەمنى ئەسلىگە كەلتۈردى

ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشىغا تەمىنلەۋاتقان ياردىمىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 12-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇكرائىنا بىلەن ئىستىخبارات ئۇچۇرى ئورتاقلىشىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارىنى بىكار قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.

ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە بۇ كېلىشىمنىڭ شەرتلىرى رۇسىيەنىڭ تەستىقىنى تەلەپ قىلىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەت يەنە ئۇكرائىنانىڭ مۇھىم كان بايلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش شەرتى ئاستىدا ئىنسانىي ياردەم ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى تېزلىكتە ھەل قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو رۇسىيەنىڭ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ھەربىي رەھبەرلەرنى كۆپ دۆلەتلىك تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرى قۇرۇشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1026 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2025 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق