ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتايدا ئىشلەنگەن بارلىق ئۆزەكلەرگە تاموژنا بېجى قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 12-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئالىي كومىتېتى رەئىسى جون مولىنار ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنى خىتايدا ئىشلەنگەن بارلىق ئۆزەكلەرگە تاموژنا بېجى قويۇشقا ۋە خىتاينىڭ ئۆزەك ئېكسپورتىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان. بۇ تەلەپ پىرېزىدېنت دونالد تىرامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمپورتىغا %25 تاموژنا بېجى ۋە تەيۋەننىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇش تەھدىتى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەكتىكەن. بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئىتتىپاقداشلارنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىنلەش زەنجىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ماسلىشىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ